ئامېرىكادا يۈز بەرگەن قوراللىق ئېتىشىشتا ئۈچ كىشى يارىلاندى

ئامېرىكانىڭ نيۇ يورك ئىشتاتىدىكى ۋاقىت مەيدانىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ئېتىشىشتا ئۈچ كىشى يارىلاندى.

1636857
ئامېرىكادا يۈز بەرگەن قوراللىق ئېتىشىشتا ئۈچ كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  نيۇ يورك ساقچى ئىدارىسى كومىسسارى دېرموت شې مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ۋاقت مەيدانىدا چۈشتىن كېيىن سائەت 16:55 ئۆتكەندە 45-كوچا بىلەن 7-كوچا ئەتراپىدا قورال ئاۋازى ئاڭلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

دېرموت شې ھۇجۇمدا 4 ياشلىق بىر قىزنىڭ پۇتىدىن يارىلانغانلىقى ۋە ئوپېراتسىيە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ،  يارىلانغان باشقا 2 كىشىدىن بىرسىنىڭ ساياھەتچى ئىكەنلىكىنى ۋە ھەر ئىككىسىنىڭ دوختۇرخانىدا بالنېستقا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتتى.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلار بۇ توقۇنۇشنىڭ بىر قانچە كىشى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن تالاش-تارتىش جەريانىدا قورال چىقىرىش تۈپەيلىدىن  مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ساقچىلار گۇماندارنى تۇتۇش ئۈچۈن تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى دااملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر