قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرى تۈركىيەنى ماختىدى

قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدرۇرراھمان ئالسانى تۈركىيەنىڭ ئەرەب جۇغراپىيەسىدە تاشلاۋاتقان ئىجابىي قەدەملىرىنى ماختىدى.

1636155
قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرى تۈركىيەنى ماختىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالسانى، قاتارنىڭ «‹Al Jazeera› تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ ئەرەب جۇغراپىيەسىدە ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز، تۈركىيە رايوننىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولۇپ، رايونلۇق بىخەتەرلىككە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ، تۈركىيە بىلەن ياخشى مۇناسىۋەتلىرىمىز بار، رايوننىڭ پايدىسى ئۈچۈن  تۈركىيە – ئەرەب مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشى  بولۇشىنى خالايمىز» دېدى.

تۈركىيە بىلەن مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقلىرى ھەيئەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي سۆھبەتلەر، 5 – ماي كۈنى، مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەدە باشلانغانىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا، تۈركىيە بىلەن مىسىر ھەيئەتلىرىنىڭ ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ سەمىمىي كەيپىياتتا ۋە كەڭ دائىرىلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى، ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ، بۇ سۆھبەتلەرنىڭ نەتىجىلىرىنى يەكۈنلىگەندىن كېيىن، كېيىنكى باسقۇچتا تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە قارار چىقىرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر