بايدىن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن 21 – ماي كۈنى ئاقسارايدا جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىن بىلەن كۆرۈشىدۇ.

1631305
بايدىن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى يېن پساكى، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «پىرېزىدېنت بايدىن، 2021 – يىلى، 21 – ماي كۈنى، ئاقسارايدا جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىننى قوبۇل قىلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە. جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىننىڭ زىيارىتى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك ئىتتىپاقداشلىق، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، خەلقلىرى ۋە ئىقتىسادىي ساھەلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ دائىرىلىك ۋە چوڭقۇر مۇناسىۋەتنىڭ ئىنتايىن مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بېرىدۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقداشلىقنى كۈچەيتىش، زىچ ھەمكارلىقنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، پىرېزىدېنت بايدىن جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىننى كۈتۈۋېلىشنى تۆت كۆز بىلەن كۈتمەكتە.»

2021 – يىلى، 20 – يانۋار كۈنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان جو بايدىن ئاقسارايدا يۈزتۇرانە كۆرۈشكلەن تۇنجى رەھبەر، ياپونىيە باش ۋەزىرى سۇگا يۇشىھىدې بولغانىدى. ئىككى رەھبەر، 16 – ئاپرېل كۈنى ئاقسارايدا بىر يەرگە جەم بولغانىدى.

جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى مون جائىن، بايدىن ئاقسارايدا يۈزتۇرانە كۆرۈشكەن ئىككىنچى رەھبەر بولىدۇ.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى للويىد ئاستىنمۇ، تۇنجى چەت ئەل زىيارەتلىرى دائىرىسىدە، جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر