ماكېنزىې ئامېرىكا - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا توختالدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قىسىملار (CENTCOM) قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك كېنېت ماكېنزىې، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت بايدىننىڭ ئۇچرىشىشىنىڭ مۇناسىۋەتلەرنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
1629821
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قىسىملار (CENTCOM) قوماندانى گېنېرال – پولكوۋنىك كېنېت ماكېنزىې، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىننىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو باشلىقلار يىغىنى جەريانىدا ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغان ئۇچرىشىشىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.