تۈركىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئىراقنىڭ شىمالىدا 4 نىشاننى بىر تەرەپ قىلدى
ئىراقنىڭ قاندىل رايونىدا بايقالغان 4 نىشان ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىق بىر تەرەپ قىلىندى.
1627832
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى مېتىنا ۋە ئاۋاشىن-باسيان رايونلىرىغا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان پەنچە-شىمشەك ۋە پەنچە-يىلدىم ھەرىكەتلىرىنىڭ پىلانلانغان شەكىلدە داۋاملىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
باياناتتا، قاندىل رايونىدا بايقالغان 4 نىشاننىڭ ھاۋا ھەرىكىتى ئارقىلىىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.