رۇھانى: پاكىستان بىلەن ئىران  ئافغانىستاندىكى تىنچلىق مۇساپىسىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى پاكىستان بىلەن ئىراننىڭ ئافغانىستاندىكى تىنچلىق مۇساپىسىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

1625882
رۇھانى: پاكىستان بىلەن ئىران  ئافغانىستاندىكى تىنچلىق مۇساپىسىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئىران پىرېزىدېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، رۇھانى پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھ مەھمۇد قۇرەيشىنىڭ زىيارتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە ئافغانىستاندىكى تىنچلىق مۇساپىسىنى مۇزاكىرىلەشكەن.

ئامېرىكانىڭ رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن خىزمەت قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن رۇھانى، «ئىران ۋە پاكىستان ئافغانىستاننىڭ ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە مۇھىم قوشنىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئافغانىستاندىكى تىنچلىق مۇساپىسىدە ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئىران بۇ جەھەتتە پاكىستان ۋە ئافغانىستان بىلەن ھەمكارلىشىشنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالىدۇ» دېدى.

رۇھانى ئىككى دۆلەت ئوتتورىسىدىكى ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈزۈلگەن كېلىشىملەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، پاكىستاننىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكرارلىدى.

قۇرەيشىمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بولۇپمۇ سودا ساھەسىدە يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر