چېخ 18 نەپەر رۇسىيە دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى

چېخ 2014-يىلى يۈز بەرگەن پارتلاش بىلەن چېتىشلىقى بولغانلىقى سەۋەبىدىن 18 نەپەر رۇسىيە دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارار ىغا كەلدى.

1623388
چېخ 18 نەپەر رۇسىيە دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: چېخ باش مىنىستىرى ئاندرېج بابىش رۇسىيەنىڭ 18 دىپلوماتىنىڭ رۇسىيە ئىستىخبارات ئورگىنىغا خىزمەت قىلغانلىقى ۋە  2014-يىلى جەنۇبىي موراۋىيە رايونىدىكى بىر ئوق - دورا ئىسكىلاتىدا يۈز بەرگەن پارتىلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىقى بارلىقى ھەققىدە ئېغىر گۇمانلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېيتتى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر جان ھاماجېكنىڭ بۇ دىپلوماتلارنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىنى رۇسىيەنىڭ پراگدا تۇتۇشلۇق باش ئەلچىسىگە يەتكۈزگەنلىكىنى تەكىتلىگەن  ئاندرېج بابىش، بۇ قارارىنىڭ پىرېزىدېنت مىلوس زېمان بىلەن ئورتاقلىشىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش مىنىستىر ئاندرېج بابىش دىپلوماتلارنىڭ 48 سائەت ئىچىدە چېگرادىن ئايرىلىشى كېرەكلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

2014-يىلى چېخنىڭ جەنۇبى موراۋىيە رايونىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 2 كىشى قازا قىلغان ۋە يۈزلىگەن كىشى رايوندىن تارقاقلاشتۇرۇلغان ئىدى.


خەتكۈچ: #رۇسىيە , #چېخ

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر