تۇنىس دېڭىز تەۋەلىكىدىن 41 كۆچمەننىڭ جەسىتى سۈزۈۋېلىندى

تۇنىس دېڭىز تەۋەلىكىدە ئىتالىيەگە كېتىشىكە ئۇرۇنۇۋاتقان ئەسنادا كېمىسى چۆكۈپ كەتكەن بىرى كىچىك بالا بولۇپ جەمئىي 41 تەرتىپسىز كۆچمەننىڭ جەسىتى تېپىلدى.

1623178
تۇنىس دېڭىز تەۋەلىكىدىن 41 كۆچمەننىڭ جەسىتى سۈزۈۋېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) مۇساپىرلار ئالىي كومىسسارلىقى  بىلەن خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، تۈنۈگۈن كەچتە سفاكىس شەھىرىنىڭ سىدى مەنسۇر رايونى دېڭىز تەۋەلىكىدە چۆكۈپ كەتكەن كېمىدىكى بىر كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 41 كىشىنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقى ئۇقتۇردى.

تۇنىس دۆلەتلىك دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ بۈگۈنكى ئىزدەش ۋە قۇتقۇزۇش خىزمەتلىرى جەريانىدا ئۈچ ئادەم قۇتقۇزۇۋېلىندى.

ھادىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقالىقلار ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.

سفاكىس دېڭىز تەۋەلىكىدە 9 - مارتتىمۇ قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئولتۇرغان ئىككى كېمە چۆكۈپ كېتىپ، 39 ئادەم قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر