ھىندىستان نىگېرىيەگە 100 مىڭ كوۋىد-19 ۋاكسىناسى ئىئانە قىلدى

ھىندىستان كوۋىد-19يۇقۇمىغا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە، نىگېرىيەگە 100 مىڭ ۋاكسىنا ئىئانە قىلدى.

1614766
ھىندىستان نىگېرىيەگە 100 مىڭ كوۋىد-19 ۋاكسىناسى ئىئانە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەبۇجادە تۇرۇشلۇق ھىندىستان باش ئەلچىسى ئاباي تاكۇر ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن 100 مىڭ ۋاكسىنانىڭ پايتەخت ئەبۇجادىكى نىگېرىيە دۆلەتلىك تۇنجى ياردەم تەرەققىيات ئورگىنى (NPHCDA) غا تاپشۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاباي تاكۇر نىگېرىيەگە ئىئانە قىلىنغان بۇ ۋاكسىنالارنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىن دوستلۇقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

نىگېرىيە جەنۇبىي ئافرىقا تېلېگراف شىركىتى«MTN» ۋە خەلقئارانى كوۋىد-19 ۋاكسىناسى بىلەن تەمىنلەش پىروگراممىسى (COVAX) دىن جەمئىي 4 مىليون 224 مىڭ «AstraZeneca» ۋاكسىناسى تاپشۇرۇۋالغان ئىدى.

نىگېرىيەدە 5-مارتتا باشلانغان كەڭ كۆلەملىك كوۋىد -19 ۋاكسىناسى سەپەرۋەرلىكى دائىرىسىدە، 700 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە ۋاكسىنا ئەملەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر