فىرانسىيەدە بىر قىسىم مىنىستىرلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى كوۋىد-19 چەكلىمىسىگە رىئايە قىلمىدى

فىرانسىيەدە بىر قىسىم مىنىستىرلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قانۇنسىز تىجارەت قىلىۋاتقان ھەشەمەتلىك رېستورانلاردا تاماق يېيىش ئارقىلىق كوۋىد-19 چەكلىمىسىنى بۇزغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1614684
فىرانسىيەدە بىر قىسىم مىنىستىرلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى كوۋىد-19 چەكلىمىسىگە رىئايە قىلمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە تېلېۋىزىيە قانىلى «M6» مىنىستىرلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پايتەخت پارىژدىكى قانۇنسىز تىجارەت قىلىۋاتقان ھەشەمەتلىك رېستورانلاردا تاماق يېگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

تېلېۋىزىيە قانىلى تارتقان مەخپىي كۆرۈنۈشلەردە، چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن پەقەت قۇتۇلاپ يوللاش مۇلازىمىتى قىلىشى كېرەكلىك رېستورانلاردا كۈتكۈچىلەر ۋە خېرىدارلارنىڭ ماسكا تاقمىغانلىقى كۆرسىتىلدى.

خەۋەردە يەنە، بىر كىشىنىڭ مۇشۇ ھەپتە بىر نەچچە ئالىي دەرىجىلىك ئاشخانىلاردا بىر قىسىم مىنىستىرلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كەچلىك تاماق يېگەنلىكىنى ئېيتقانلىقى كۆرسىتىلدى.

پارىژ ساقچى تارماقلىرى بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر