فايزېر-بىيونتېك ۋاكسىناسىنىڭ بالىلاردىكى ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان

ئامېرىكا دورا شىركىتى فايزېر (Pfizer) بىلەن گېرمانىيە بىيونتېك (BioNTech) شىركىتى بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ ياسىغان ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسىنىڭ 12 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان بالىلاردا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈنۈمىنىڭ %100 ئىكەنلىكى ئېلان قىلىندى.

1612274
فايزېر-بىيونتېك ۋاكسىناسىنىڭ بالىلاردىكى ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فايزېر بىلەن بىيونتېك 12 ياشتىن 15 ياشقىچە بولغان 2 مىڭ 260 بالا ئۈستىدە ۋاكسىنا سىناق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ھەقتىكى باياناتتا، ۋاكسىنالارنىڭ بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغانلىقىنى ۋە ياشلارنىڭ چوڭلارغا قارىغاندا ۋىرۇسقا قارشى تېخىمۇ كۆپ ئانتىتېلا پەيدا قىلغانلىقىنىڭ بايقالغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

فايزېر – بىيونتېك ۋاكسىناسى بىلەن ئەملەنگەن ياشلاردا يۇقۇملىنىشنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكى، ئەمما باشقا ۋاكسىنالار بىلەن ئەملەنگەنلەردە يۇقۇملىنىشنىڭ كۆرۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

فايزېر – بىيونتېك ۋاكسىناسى بىلەن ئەملەنگەن ياشلاردىمۇ چوڭلاردا كۆرۈلگەن ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكى، بولۇپمۇ ئىككىنچى قېتىملىق ۋاكسىنادىن كېيىن، قىزىش، چارچاش، بەدىنى ئاغرىش ۋە تىترەشكە ئوخشاش ئالامەتلەرنىڭ كۆرۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بىيونتېك شىركىتىنىڭ 12 ياش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنى بىيونتېك ۋاكسىناسى بىلەن ئەملەشكە رۇخسەت قىلىنىشى ئۈچۈن، ئامېرىكا يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا ئىدارىسى بىلەن ياۋروپادىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا ئىلتىماس سۇنۇشنى پىلاۋاتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.

شىركەتنىڭ ئالتە ئايلىقتىن 11 ياشقىچە بولغان بالىلارغا ۋاكسىنا ئەملەش سىناقلىرىنىڭ داۋاملاشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر