بىرما نامايىشلىرىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 217 گە چىقتى

بىرما خەۋپسىزلىك قىسىملىرىنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش ۋە سايلانغان ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىشقا قارشى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلارنى قوراللىق باستۇرۇشى نەتىجىسىدە، جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 217 گە چىقتى.

1603983
بىرما نامايىشلىرىدا جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 217 گە چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرما سىياسىي تۇتقۇنلارغا ياردەم جەمئىيىتى دوكلات ئېلان قىلىپ، يېقىنقى 24 سائەتتە توققۇز نامايىشچىنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشى بىلەن، جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 217 گە چىققانلىقىنى،1 مىڭ 872 كىشىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرما پايتەختى يانگون، ماندالاي، ماگۋاي ۋە باگو قاتارلىق شەھەرلەردە، خەلق ھەربىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلەپ كوچىلارنى تولدۇردى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرى يانگوندىكى نامايىشلارنى ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ۋە پىلاستىك ئوق بىلەن باستۇرۇشقا تىرىشتى. نامايىشچىلار خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە تاش ئېتىپ جاۋاب قايتۇردى.

بىرما ئارمىيەسى ئۆزىگە يېقىن گۇرۇپپىلارنىڭ 2020-يىلى 8-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا ساختىپەزلىك قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە دۆلەتتە سىياسىي يىرىكچىلىكلەر كۈچەيگەندىن كېيىن، 2021-يىلى 1-فېۋرال ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان ئىدى.

بىرما ئارمىيەسى دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتىكى رەھبىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاڭ سان سۇچى قاتارلىق نۇرغۇن ئەمەلدارلارنى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە رەھبەرلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، بىر يىللىق جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر