ناتو: ئىراقتا ئامېرىكا قىسىمملىرىنىڭ رولىنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز

شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لېيتېنانت گېنېرال پىئېر ئولسېن ئاسىيا تېلېۋىزىيەسىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى...

1598362
ناتو: ئىراقتا ئامېرىكا قىسىمملىرىنىڭ رولىنى ئۈستىمىزگە ئالمايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى لېيتېنانت گېنېرال پىئېر ئولسېن، ئۆزىگە قاراشلىق قىسىملارنىڭ ئىراق ئارمىيەسىنى مەشىق قىلدۇرۇش ۋە ئۇلارغا مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ رولىنى ئويناشنى قەتئىي ئۈستىگە ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئولسېن ئاسىيا تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «ئىراقتىكى كۈچلىرىمىزنىڭ سانى 300 دىن ئاشىدۇ، بىزنىڭ ئۇرۇش قىلىشتىن باشقا بىر ۋەزىپىمىز بار» دېدى.

ئولسېن يەنە مەشىق قىلدۇرۇلىدىغان ۋە مەسلىھەت بېرىلىدىغان ئورگانلارنىڭ كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىنلار نەتىجىسىدە بېكىتىلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ، ئىراق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى قاسىم ئاراجىنىڭ رەسمىي ھالدا ئىراقتىكى شىمالىي ئاتلانتىك  ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ:  «ناتو ئامېرىكانىڭ ئىراقتىكى رولىنى  قەتئىي ئۈستىگە ئالمايدۇ» دېدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئولسېن، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ناتو قىسىملىرىنى ھەر قانداق قوراللىق ھۇجۇمدىن قوغداشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ناتو باش كاتىپى يېنس ستولتېنبېرگ 18 – فېۋرالدا بايانات بېرىپ: «بىز بۈگۈن ئىراق ئارمىيەسىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قوللاش ۋە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ناتونىڭ ئىراقتىكى ۋەزىپە دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى قارار قىلدۇق. خادىملىرىمىزنىڭ سانى 500 دىن تۆت مىڭغا كۆپەيتىلىدۇ. تەلىم – تەربىيە پىلانىغا ئىراق ئورگانلىرى بىلەن باغداد سىرتىدىكى رايونلارمۇ كىرگۈزۈلىدۇ» دېگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر