باش ۋەزىر بورىس جونسون ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

باش ۋەزىر بورىس جونسون ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيەنى «ۋاكسىنا مىللەتچىلىكى» بىلەن ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلىپ، ھېچقانداق ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) ۋاكسىناسى ۋە ۋاكسىنا ماتېرىياللىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىمىگەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

1598842
باش ۋەزىر بورىس جونسون ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بورىس جونسون ئاۋام پالاتاسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «باش ۋەزىرگە سوئال» پىروگراممىسىدا سۆز قىلىپ، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ۋاكسىنا مىللەتچىلىكىگە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئەنگلىيەنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىنالىرىغا ئىگە بولۇش پىروگراممىسى (COVAX) غا 548 مىليون فوندستېرلىڭ ياردەم قىلغانلىقىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشىنىڭ باشلىقى چارلىز مىشېل (Charles Michel) نىڭ «ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكا ئۆز تېررىتورىيەسىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاكسىنالارنى ۋە ۋاكسىنا ماتېرىياللىرىنى ئېكسپورت قىلىشنى مەنئى قىلدى» دېگەن ئەيىبلەشلىرىنى تەنقىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

« بىر دانە ۋۇخەن ۋىرۇسى ۋاكسىناسى ۋە ۋاكسىنا ماتېرىياللىرىنىڭ ئېكسپورتىنى مەنئى قىلمىدۇق.»

چارلىز مىشېل باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋاكسىنا مىللەتچىلىكى قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا ياكى ئەنگلىيەگە ئوخشاش ۋاكسىنا ئېكسپورت قىلىشنى پۈتۈنلەي چەكلىمىگەنلىكىنى ۋە ئېكسپورتنى ھېچقاچان توختاتمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر