جو بايدىننىڭ 1 تىرىليون 900 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەم  لايىھەسى قوبۇل قىلىندى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن كوۋىد-19 يۇقۇمىنىڭ تەسىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن تەلەپ قىلغان 1 تىرىليون 900 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەم  لايىھەسى كېڭەش پالاتاسىدا قوبۇل قىلىندى.

1596527
جو بايدىننىڭ 1 تىرىليون 900 مىليارد دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەم  لايىھەسى قوبۇل قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ قانۇن لايىھەسى پالاتاسى ئومۇمىي كېڭىشىدە تۈنۈگۈن كەچكىچە داۋاملاشقان مۇزاكىرىلەردىن كېيىن 49 غا قارشى 50 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ قانۇن لايىھىسىگە «مۇرەسسە قىلىش» ناملىق قانۇنىي بىر ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ ھەرىكەتكە سېلىنىشى ئارقىلىق يول ئېچىلغان بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قوللىشىغا ئېھتىياجسىز ھالدا كېڭەش پالاتاسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بولدى.

قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتاسىدا ئاۋازاغا قويۇلىشى ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىن 11 سائەت 50 مىنۇت داۋاملىشىش بىلەنمۇ رېكورت ياراتتى.

قانۇن لايىھەسى يېڭى قوشۇلغان بەلگىلىمىلەر سەۋەبىدىن ئاۋام پالاتاسىغا قايتا يوللىنىدىغان بولدى. ئەگەر ئاۋام پالاتاسىدىمۇ قوبۇل قىلىنسا، بايدېننىڭ ئىمزاسىغا سۇنىلىدۇ.

بايدېن ھۆكۈمىتى كوۋىد -19 نىڭ ئىقتىسادىي تەسىرىگە قارشى تەييارلىغان ئەڭ چوڭ يۈرۈشلۈك پىلان دەپ باھالانغان بۇ قانۇن لايىھەسى ھەر بىر ئادەمگە 1400 دوللار نەق پۇل ياردەم بېرىشتىن باشقا يەنە، ھەر قايسى ئىشتاتلار ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىمۇ 350 مىليارد دوللارلىق ياردەم بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئىلگىرى ھەپتىلىك 400 دوللار قىلىپ بېكىتىلگەن ئىشسىزلىق مائىشىنىڭ مۇزاكىرىلەردىن كېيىن 300 دوللار بولۇشى ۋە مۇددىتى 6-سېنتەبىرگىچە ئۇزارتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر