كىلىمات ئۆزگىرىشى زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇشلارنىڭ كۆپىيىشىگىمۇ سەۋەب بولىدۇ

ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررس كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ مۇقىمسىزلىق، زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇشلارنى كۆپەيتىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

1589738
كىلىمات ئۆزگىرىشى زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇشلارنىڭ كۆپىيىشىگىمۇ سەۋەب بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررس خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ فېۋرال ئېيىدىكى نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى ئەنگلىيە تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ۋە باش ۋەزىر باشچىلىق قىلغان ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۆتكەنكى 10 يىلنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئىسسىق يىللىرى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەر شارىنىڭ ئىسسىشىنىڭ كىرىزىسلارنى كۆپەيتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ: «كىلىمات ئۆزگىرىشى دەريالارنى قۇرۇتقان، ھوسۇلنى ئازايتقان، مۇھىم ئۇل-ئەسلىھەلەرنى ۋەيران قىلغان ۋە كىشىلەرنى يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلىغان جايلاردا، مۇقىمسىزلىق ۋە توقۇنۇش خەتەرلىرىمۇ كۆپىيىدۇ» دېدى.

ئۇ ئۇرۇش ۋە توقۇنۇشلار يۈز بەرگەن 10 دۆلەت ئىچىدە سەككىزىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، غەربىي ئافرىقا ۋە ساھىل رايونلىرىدا 50 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى، يايلاقلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ پادىچىلار بىلەن دېھقانلار ئوتتۇرىسىدا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان زوراۋانلىقلارغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ دۇنيا مىقياسىدا كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلشىنىڭ ئاللىبۇرۇن باشلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ 2050-يىلىغىچە كاربون سۈمۈرۈش مىقدارىنى 0 گە چۈشۈرۈش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن ھەقىقىي تۈردىكى دۇنيا ھەمكارلىقىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەپ، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنى تۆۋەن كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشىگە قارشى كۈرىشىگە ۋە كاربون سۈمۈرۈشنى ئازايتىشىغا ياردەم قىلىپ، ھەر يىلى 100 مىليارد دوللار ئاجرىتىش ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر