پاكىستان قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

پاكىستان ئىراقنىڭ گارا رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان تۈركىيە پۇقراسى 13 كىشىگە تەزىيە بىلدۈردى.

1583500
پاكىستان قاتارلىق بەزى دۆلەتلەر تۈركىيەگە تەزىيە بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «پاكىستان ئىراقنىڭ گارا شەھىرىدە 13 تۈركىيە پۇقراسى شېھىت قىلىنغان قەبىھ تېررورلۇق ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

«پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى تۈركىيە دۆلىتى، قېرىنداش تۈرك خەلقى ۋە بىگۇناھ قۇربانلارنىڭ ئائىلە – تاۋابىئاتلىرىغا سەمىمىي تەزىيە بىلدۈرىدۇ. پاكىستان تۈركىيە خەلقىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە كۈچلۈك ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

بۇنىڭدىن باشقا ئەنگلىيەنىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دومىنىك چىلكوت، ئەزەربەيجاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئىبراھىم ۋە پاكىستاننىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىمۇ گارا رايونىدا پ ك ك تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغان 13 تۈرك پۇقراسى ئۈچۈن تەزىيە تېلېگراممىسى تارقاتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر