ياۋروپا پارلامېنتى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قورال سېتىشنى چەكلىدى

ياۋروپا پارلامېنتى يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇشتا خەلقئارا ئىنسانىي ھەق-ھوقۇق ۋە كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن، ياۋروپا ئىتتىپاقى مىقياسىدا سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قورال سېتىپ بېرىشنى چەكلەشنى چاقىرىق قىلدى.

1582129
ياۋروپا پارلامېنتى سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قورال سېتىشنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ۋە ئىتالىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قورال سېتىپ بېرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى خاتىرىلىتىلگەن لايىھەدە، بەزى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ چاقىرىققا قېتىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى، بەزىلىرىنىڭ بولسا قورال سېتىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق مەيدانىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

لايىھەدە، ئامېرىكانىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىپ بېرىشىنى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە «F-35» ئايروپىلانلىرىنى سېتىپ بېرىشنى توختاتقانلىقىنىڭ مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش شەكىلدە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكى تەلەپ قىلىندى.

ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەرگە قورال ئېكسپورت قىلىشىنىڭ، يەمەندىكى ئىچكى ئۇرۇشنى ئۇلغايتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ياۋروپا پارلامېنتى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەنچىلىكلىرى سادىر قىلغانلاردىن ھېساب سوراش مەقسىتى بىلەن، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋە ئەزالىرىغا قولىدىكى بارلىق ۋاستىلەردىن پايدىلىنىشقا چاقىرىدۇ» دېدى.

لايىھەدە، ئىرانلىق كىشى ياكى تەشكىلاتلارنىڭ ھۇسىيلارنى كۆپ مىقداردا قورال بىلەن تەمىنلەۋاتقانلىقىمۇ ئەيىبلەندى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قىسىمغا قورال سېتىپ بېرىش مەسىلىسى، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىدى.

ئاۋستىرالىيەنىڭ يەمەندا يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئىچكى ئۇرۇشتا تەرەپلەرنى قوللاۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە قورال ئېكسپورت قىلىشنى چەكلىمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر