ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو سىگنالى بەردى

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى ئالىي ۋەكىلى جوسېف بوررېل رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىجابىي دىيالوگ پۇرسىتىدىن پايدىلىنىشنى خالىمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو سىگنالى بەردى.

1579111
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيەگە يېڭى ئېمبارگو سىگنالى بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جوسېپ بوررېل 4-فېۋرالدىن 6-فېۋرالغىچە ئېلېىپ بارغان موسكۋا زىيارىتى ھەققىدە يازغان بىلوگىدا، «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان» ياۋروپا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى مۇزاكىرىلەشكەنلىكىنى، مۇناسىۋەتلەرنىڭ (رۇسىيە ئۆكتىچىسى) ئالېكسېي ناۋالنىينىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن ھەمدە ناۋالنىينىڭ قوللىغۇچىلىرىنىڭمۇ نامايىشلاردا نازارەتكە ئېلىنىشى بىلەن تېخىمۇ ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

جوسېپ بوررېل مارتتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلەر يىغىنىدىن ئىلگىرى ئېلىپ بارغان زىيارىتىدە، تېز ناچارلىشىۋاتقان مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى خالىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ھۇجۇم قىلىش خاراكتىرىدە چاقىرىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ۋە زىيارىتىم جەريانىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىن 3 دىپلوماتنى قوغلاپ چىقىرىش قارارىö رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تېخىمۇ ئىجابىي دىيالوگ پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. بۇ گەرچە كۈتۈلمىگەن ئىش بولمىسىمۇ، رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قارىشى نۇقتىسىدىن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش بولدى» دېدى.

بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن رۇسىيەنىڭ بېلورۇسىيە، ئۇكرائىنا، گرۇزىيە، سۈرىيە ۋە لىۋىيە قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەردە پۈتۈشەلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 22-فېۋرالدىكى يىغىنىدا، رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «ھەر دائىمقىغا ئوخشاش تاشلىنىدىغان قەدەملەرنى ئەزا دۆلەتلەر قارار قىلىدۇ ۋە بۇ ئېمبارگولارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر