پاكىستان ھىندىستاندىكى كەلگۈن ئاپىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

پاكىستان ھىندىستاندىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئۈچۈن قايغۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1579192
پاكىستان ھىندىستاندىكى كەلگۈن ئاپىتى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستاننىڭ ئۇتتاراكاند ئۆلكىسىدىكى مۇزلۇق پارچىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەلكۈندە قازا قىلغانلار سەۋەبىدىن قايغۇرغانلىقى بىلدۈردى.

باياناتتا: «بىزنىڭ ئەس - يادىمىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن بىرلىكتە. يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ بىخەتەرلىكى، بالدۇرراق قۇتقۇزۇلۇشى ۋە سالامەتلىكلىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر