بېرمادا تەخمىنەن 300 پارلامېنت ئەزاسى ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

بېرمادا تەخمىنەن 300 پارلامېنت ئەزاسى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ھوقۇقنى تارتىۋالغان ھەربىي ھاكىمىيەتنى رەت قىلدى.

1578690
بېرمادا تەخمىنەن 300 پارلامېنت ئەزاسى ھەربىي ھاكىمىيەتكە قارشى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مەتبۇئاتلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، تۈنۈگۈن تەخمىنەن 300 پارلامېنت ئەزاسى ئىجتىمائىي ئالاقە تورى فېيسبۇكتا سىنلىق بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقنىڭ بىر بىردىن ھەقىقي ۋەكىللىرىنىڭ ئۆزلىرى ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن.

پارلامېنت ئەزالىرى سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن تاتىۋىلىنىغان ھاكىمىيەتنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، سايلىغۇچىلارغا ۋاكالىتەن دېموكراتىيە كۈرىشىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئۇقتۇرغان.

ھەربىيلەر 1- فېۋرالدا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن بۇيان بېرمادا سىياسىي ئۆزگىرىشكە قارشى نامايىشلار داۋاملاشماقتا.

ھەربىي ھاكىمىيەت نامايىش ئۆتكۈزۈلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆچمە تورغا چىقىشنى ۋاقتىنچە توختاتقان بولۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكەتلىرى فېسبۇك، تىۋىتتېر ۋە ئىنىتېگرامغا كىرىشمۇ چەكلەنگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر