ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىشنى توختاتتى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن گېرمانىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشنى ۋاقىتلىق توختاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكانىڭ يەمەندىكى ئۇرۇشتا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىۋاتقان ھەربىي ياردەمنى توختاتقانلىقلىرىنى ئۇقتۇردى.

1577776
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىشنى توختاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا يەمەندىكى ئۇرۇشتا قلىۋاتقان ھەربىي ياردەمنى توختاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ پىرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن، تۇنجى زىيارىتىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن باشلىدى ۋە بۇ يەردە سۆز قىلىپ: «دىپلوماتىيە قايتىپ كەلدى» دېدى.

ئۇ ئامېرىكانىڭ دۇنياۋى سەۋىيەدە دىپلوماتىيە قەدەملىرىنى كۆپەيتىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلشتا دىپلوماتىيەگە كۆپ تايىنىدىغانلىقلىرىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتوني بلىنكېن ۋە خىزمەتداشلىرىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرى ئۈستىدە توختىلىپ: «رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشقاق ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئامېرىكا بويۇن ئەگكەن كۈنلەر ئاخىرلاشتى. رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۆكتىچى رەھبەر ئالېكسېي ناۋالنىينى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىشى كېرەك» دېدى.

ئۇ يەمەن ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ، سەئۇدى ئەرەبىستانغا قورال سېتىپ بېرىشنى توختاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر