زەرىف:  تۈركىيە – ئىران مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى مۇھىم

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف تۈركىيە بىلەن دۆلىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە رايونلۇق مەسىلىلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1573418
زەرىف:  تۈركىيە – ئىران مۇناسىۋەتلىرى ناھايىتى مۇھىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دائىرىسىدە تۈركىيەگە كەلگەن ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد جەۋاد زەرىف، تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئۇچرىشىشلىرى ھارپىسىدا، ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا، تۈركىيە – ئىران مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «مۇناسىۋەتلىرىمىز ئۈزلۈكسىز كېڭىشىشنى تەقەززا قىلىدۇ، چۈنكى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ۋە رايونلۇق مەسىلىلەردە ھەمكارلىقىمىز ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»

زىيارىتى دائىرىسىدە تۈركىيەدە ترانزىت ئۆتۈش ۋە كاۋكاز رايونىدا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تەرەپلىك ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن زەرىف، مۇنداق دېدى: «كاۋكاز رايونىدا ئۇزاق مەزگىللىك تىنچلىق ئورنىتىش ئۈچۈن تېگىشلىك شەرت – شارائىتلارنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىدا يارىتىلىشى ناھايىتى مۇھىم.»

ئۇ، تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىدە 6 تەرەپلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى شەكىللەندۈرۈش تەكلىپلىرى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ مىخانىزىم، ئالدى بىلەن، ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەپەندىم ۋە رايوندىكى باشقا دائىرىلەر تەرىپىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈلگەنىدى. بۇ توغرىلىقمۇ ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردىم، ئۇچرىشىشلىرىمنىڭ نەتىجىسىنى تۈركىيە دائىرىلىرى بىلەن ئورتاقلىشىمەن، چۈنكى بۇ بولۇپمۇ ترانزىت ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش جەھەتتىن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر