بايدىن «كوۋىد – 19» يۇقۇمىدا قازا قىلغانلار ئۈچۈن خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىقىغا سايلانغان جو بايدىن ۋە مۇئاۋىن پىرېزىدېنتلىققا سايلانغان كامالا ھاررىس، ۋاشىنگتوندا قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمى ھارپىسىدا «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن قازا قىلغان 400 مىڭ كىشىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
1567700
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇراسىمغا رەپىقىسى جىل بايدىن بىلەن بىرلىكتە قاتناشقان بايدىن، بۇ يەردە قىلغان سۆزىدە، مۇنداق دېدى: «ساقىيىشىمىز ئۈچۈن خاتىرىلىشىمىز كېرەك. بەزىدە خاتىرىلەش تەس بولسىمۇ، ئەمما ساقىيىش ئۈچۈن بىر مىللەت سۈپىتىدە خاتىرىلىشىمىز ناھايىتى مۇھىم، شۇڭلاشقا بىز بۈگۈن ئارىمىزدىن ئايرىلىپ قالغانلار يېقىن – يورۇقلىرىمىزنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ يەردىمىز.»
بايدىن، بۈگۈن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا باشلىنىدىغان ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 46 – پىرېزىدېنتى بولىدۇ.
قەسەم ئىچىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىشتىراك قىلمايدۇ، ئەمما مۇئاۋىن پىرېزىدېنت مايك پېنس قاتنىشىدۇ.