بېن گۋىر پەلەستىنلىكلەرنى «ئىختىيارىي كۆچۈش»كە ئىلھاملاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ ئاشقۇن ئوڭچىل دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مىنىستىرى ئىتامار بېن گۋىر، غەززەدە قانۇنسىز يەھۇدىي ئولتۇراق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش ۋە رايوندا ياشايدىغان پەلەستىنلىكلەرنى «ئىختىيارىي كۆچۈش»كە ئىلھاملاندۇرۇشقا چاقىردى.

2139790
بېن گۋىر پەلەستىنلىكلەرنى «ئىختىيارىي كۆچۈش»كە ئىلھاملاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىنگە قارشى كۆز قاراشلىرى بىلەن تونۇلغان بېن گۋىر، ئاشقۇن ئوڭچىل ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ غەززەدە قانۇنسىز يەھۇدىي ئولتۇراق رايونى قۇرۇشنى تەلەپ قىلىپ ئۆتكۈزگەن نامايىشىدا سۆز قىلدى.

غەززە چېگراسىدىكى سدېروت شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا قاتناشقان بېن گۋىر، كەرەم ئەبۇ سالىم چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئەۋەتىشكە قارشى بېلەت تاشلىغان بىردىنبىر كابىنېت ئەزاسىنىڭ ئۆزى  ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

ئۇ، باشقا مىنىستىرلارنىڭ كەرەم ئەبۇ سالىم ئارقىلىق غەززەگە ياردەم يوللاشقا قارشى تۇرمىغانلىقىدىن «نومۇس قىلىدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

غەززەدە قانۇنسىز يەھۇدىي ئولتۇراق رايونى قۇرۇشنى تەلەپ قىلغان بېن گۋىر: «غەززە مەسىلىسىنىڭ تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىككى ئىشنى قىلىش كېرەك؛ (ئۇنىڭ بىرى) غەززەگە قايتىش ۋە غەززە ئاھالىلىرىنى <ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن> چىقىپ كېتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش. بۇ ئەخلاقىيلىقتۇر، ئاقىلانىلىكتۇر، ئادىمىيلىكتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر