بىل گەيتىس ئامېرىكا بويىچە زېمىنى ئەڭ چوڭ زېمىندارغا ئايلاندى

ئامېرىكا مەركەزلىك دۆلەت ھالقىغان تېخنىكا شىركىتى مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گەيتىس 132 مىليارد دوللارلىق بايلىقىغا 1 مىليون مودىن ئارتۇق زېمىننى قوشۇپ، ئامېرىكا بويىچە زېمىنى ئەڭ چوڭ زېمىندارغا ئايلاندى.

1566742
بىل گەيتىس ئامېرىكا بويىچە زېمىنى ئەڭ چوڭ زېمىندارغا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىل گەيتىس ۋاشىنگىتوندىن فلورىداغىچە بولغان 18 ئىشتاتتا 1 مىليون مودىن ئارتۇق يەر سېتىۋالدى.

بىل گەيتىسنىڭ يۈرۈشلۈك مەبلەغلىرى ئارىسىدا 979 مىڭ  مو دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە 109 مىڭ مو باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىلىدىغان زېمىنى بار.

ئامېرىكالىق مىلياردېر بىل گەيتىسنىڭ نېمە ئۈچۈن دېھقانچىلىق مەيدانىغا بۇنچە كۆپ مەبلەغ سالغانلىقى تېخىچە نامەلۇم. شۇنداقتىمۇ

«بۇ سېلىنما كېلىمات ئۆزگىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارالماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر