دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتى خىتايدا

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى (WHO) ئالىملار ھەيئىتى «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ قەيەردىن ۋە قانداق ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ۋۇخەنگە كەتتى.

1563601
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ھەيئىتى خىتايدا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئالىملار ھەيئىتى، «كوۋىد – 19» يۇقۇمى ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا چىققان ۋۇخەندە، تەخمىنەن بىر ئاي بويىچە، يۇقۇمنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبلىرىنى تەكشۈرىدۇ.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئېتىرازى، ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرىغا چىققان ۋىرۇسنىڭ كەڭ تارقىلىش سەۋەبلىرىنى تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغانىدى.

خىتاي، ۋىرۇسنى يوشۇرۇپ، بالدۇر مۇداخىلە قىلىنىشىنى كېچىكتۈرۈش ۋە ۋۇخەن شەھىرىدە 2019 – يىلنىڭ ئاخىرلىرى ئوتتۇرىغا چىققان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە يول قويۇش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر