ئىسرائىلىيەنىڭ كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى ئەملەش ئايرىمچىلىقى تەنقىد قىلىنماقتا
ئىسرائىلىيە جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرى ئامىر ئوھانا ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى پەلەستىنلىك مەھبۇسلارغا «كوۋىد-19 ۋاكسىنىسى ئەملىمەسلىك» بۇيرىقى چۈشۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «خارېتز» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېلان قىلغان بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ ھالدا، جامائەت خەۋىپسىزلىكى مىنىستىرى ئامىر ئوھانانىڭ ئالدىنقى ھەپتە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى «بىخەتەرلىك مەھبۇسلىرى» غا كوۋىد -19 ۋاكسىنىسىنى ئەملىمەسلىكنى بۇيرىغان.
سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ «مەھبۇسلار ۋاكسىنا ئەملىنىدىغان ئىككىنچى گۇرۇپپىنىڭ بىر پارچىسى» دېگەن بەلگىلىمىسىگە تۈپتىن خىلاپ ھالدا، ئوھانانىڭ پەقەت تۈرمە خادىملىرىغىلا ۋاكسىنا ئەملەش بۇيرۇقى چۈشۈگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.
خەۋەردە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى چۈشۈرگەن كۆرسەتمىدە «پەلەستىن» دېگەن ئىبارىنىڭ ئىشلىتىلمىگەنلىكى، ئەمما ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە پەلەستىنلىكلەردىن باشقا «بىخەتەرلىك مەھبۇسلىرى» نىڭ يوقلىقى تەكىتلەندى.
ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى «بىخەتەرلىك مەھبۇسلىرى» دەپ سىنىپلاندۇرۇلماقتا.