ب د ت: پەلەستىن نوپۇسىنىڭ %47 كېلەر يىلى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە موھتاج بولىدۇ

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىس ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى نىكولاي ملادېنوف، 2 مىليون 400 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج ئىكەنلىكى بىلدۈردى.

1549529
ب د ت: پەلەستىن نوپۇسىنىڭ %47 كېلەر يىلى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە موھتاج بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى ئالاھىدە ماسلاشتۇرغۇچىسى نىكولاي ملادېنوف ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دوكلات بېرىپ، پەلەستىن نوپۇسىنىڭ %47 ىنىڭ كېلەر يىلى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج ھالەتكە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، نۆۋەتتە 2 مىليون 400 مىڭ پەلەستىنلىكنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە موھتاج ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىن پەلەستىنلىكلەرگە 417 مىليون دوللار ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ قانۇنسىز ئولتۇراقلىشىش پىلانىنى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ملادېنوف، مەزكۇر ئولتۇراقلىشىش پىلانىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە ب د ت قارارلىرىغا خىلاپ ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ، ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنى ئولتۇراق رايونى پىلانلىرى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ مال – مۈلۈكلىرىگە زىيان يەتكۈزۈشكە دەرھال خاتىمە بېرىشكە چاقىردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر