بايدىننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى يەرلىك ئامېرىكالىق دېبرا ھالاند بولىدۇ

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ 3 – نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان جو بايدىننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسىگە، نىيۇ مېكسىكو ئىشتاتىنىڭ ئاۋام پالاتاسىدىكى ئەزاسى دېموكرات دېبرا ھالاندنى تەيىنلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1548011
بايدىننىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى يەرلىك ئامېرىكالىق دېبرا ھالاند بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بايدىن ئىچكى ئىشلار ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋەزىپىسى ئۈچۈن دېبرا ھالاندنى تاللىغان بولۇپ، پالاتادا تەستىقلانغان تەقدىردە، ھالاند ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تارىخىدىكى تۇنجى يەرلىك ئامېرىكالىق ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولىدىكەن.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىغا مىچىگان ۋالىيسى جېننىفېر گرانھولمنى تەيىنلەشنى پىلانلاۋاتقان بايدىن، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇھىت ئاسراش ئورگىنىنىڭ مەسئۇللۇقىغا، شىمالىي كارولىنا ئىشتاتىنىڭ مۇھىت ئاسراش باشقارمىسىدىن مىچېل رېگاننى تەيىنلەيدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر