د س ت: سەھىيە خادىملىرىنىڭ % 14 تى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملاندى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سەھىيە خادىملىرىنىڭ % 14 تىنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1546054
د س ت: سەھىيە خادىملىرىنىڭ % 14 تى «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دىرېكتورى دوكتور تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى مەركىزىدە، ۋىدېئو كونفېرانس ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا دوكلات قىلىنغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» بىلەن يۇقۇملانغان بىمارلاردىن % 14 تىنىڭ سەھىيە خادىملىرىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بۇ يۇقۇم ھەممىمىزگە سەھىيە خادىملىرىنىڭ ھەر كۈنى نامايەن قىلىدىغان قەھرىمانلارچە ئىش ئىزلىرىنى خاتىرىلەتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر