تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش كەركۈكتە 2 نېفىت قۇدۇقىغا بومبا ھۇجۇمى قىلدى
تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئىراقنىڭ كەركۈك ۋىلايىتىگە جايلاشقان خاببازا نېفىتلىكىدىكى 2 قۇدۇققا بومبا ھۇجۇمى قىلدى.
1542561
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تېرورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى ئەتىگەندە 33 - ۋە 44- قۇدۇقلارغا بومبا كۆمۈپ پارتلاتتى.
كەركۈك ساقچى ئىدارىسى باياناتچىسى ئەمىر نۇرى ھۇجۇمدا ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
تېرورچىلارنى تۇتۇش ھەرىكىتىنىڭ باشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.