مارتون گيوڭيۆسى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلىرىنى تۈركىيەسىز ھەل قىلىشى قىيىن

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ۋېنگرىيە پارلامېنت ئەزاسى مارتون گيوڭيۆسى ياۋروپاغا يۈزلەنگەن كۆچمەنلەر كرىزىسىنى تۈركىيەسىز ھەل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1540351
مارتون گيوڭيۆسى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۇرغۇن مەسىلىلىرىنى تۈركىيەسىز ھەل قىلىشى قىيىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنگىرىيەدىكى جوببىك پارتىيەسىدىن ياۋروپا پارلامېنتىغا سايلانغان ۋە تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان، مۇستەقىل پارلامېنت ئەزاسى گيوڭيۆسى، ئانادولۇ ئاگېنتلىقى (AA) غا بەرگەن باياناتىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈركىيە بولماي تۇرۇپ، نۇرغۇن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالىشى قىيىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

گيۇڭيوسى بۇلارنىڭ بىرىنىڭ كۆچمەنلەر كرىزىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، «تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ گېئو-پولىتىكا، سودا ۋە سىياسەت جەھەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرسى. بىر قانچە يىل ئىلگىرىكى كۆچمەنلەر كىرىزىسى تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا نىسبەتەن نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى ۋە تۈركىيەسىز بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا كرىزىسلىرىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. شۇنىسى ئېنىقكى. بۇنىڭدا تۈركىيە بولماي تۇرۇپ، ھەل قىلىش چارىسى  تېپىش تېخىمۇ قېيىن» دېدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىمۇ تۈركىيە قاتارلىق يېقىن قوشنىلىرىغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن گيۇڭيوسى، «رېئال بولغىنى، ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۇرۇشتۇر ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىشىمىز كېرەك. ھەممەيلەننىڭ بىر شەكىلدە ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ يېتىشى لازىم. ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆتكەن يىللارغا قارايدىغان بولساق، ھەم ياۋروپا ئىتتىپاقى، ھەم تۈركىيەنىڭ ھەمكارلىقىدىن زور پايدا قولغا كەلگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر