ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ داۋاملىشىۋاتىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەنگلىيە بىلەن كېلەچەكتىكى مۇناسىۋەتلەر ۋە سودا كېلىشىمى مۇزاكىرەلىرىدە پىكىر ئايرىمىچىلىقىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1535645
ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ داۋاملىشىۋاتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى باش مۇزاكىرەچىسى مىشېل باغىنى (Michel Barnier) تۋىتتېردا، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدا داۋاملىشىۋاتقان مۇزاكىرەلەر توغرىسىدا ئۇچۇر ھەمبەھىرلىدى.

ئۇ تەرەپلەر ئارىسىدا بېلىقچىلىق، دۆلەت ياردىمى ۋە كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئىختىلاپلار مەسىلىسىدە ھازىرچە كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«مۇھىم پىكىر ئىختىلاپلىرى داۋاملىشىۋاتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرەلەرنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، گۇرۇپپىدىكىلەر بىرلىكتە لوندونغا بارىمىز.»

ئۇ بۈگۈن (2020-يىلى 27-نويابىر) ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ۋە ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرىغا مۇزاكىرەلەر ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۆتكەن ھەپتە بىر مۇزاكىرەچىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  يۇقۇملانغانلىقىنىڭ بايقىلىشى سەۋەبىدىن، ئەنگلىيەنىڭ ئىتتىپاقتىن ئايرىلىش مۇزاكىرەلىرى توختىتىلغان ۋە ئارقىدىن سىن يىغىنلىرى بىلەن داۋاملاشقان ئىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن 2020-يىلى 31-يانۋار رەسمىي ئايرىلغان ئەنگلىيە، ئىتتىپاق بىلەن سودىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا كەڭ دائىرىلىك مۇزاكىرەلەرنى داۋاملاشتۇرماقتا.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرەلەردە «ئادىل رىقابەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش»، سودا ئىختىلاپلىرىنى قانداق ھەل قىلىش» ۋە «بېلىقچىلىق»، ئىختىلاپلىق مەسىلىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىغان ئەھۋالدا ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى 2020-يىلى 31-دېكابىردىن كېيىن، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە بولىدۇ.

ئەنگلىيە ئاشۇ ۋاقىتقىچە بولغان ئۆتكۈنچى مەزگىلدە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بەلگىلىمىلىرى بويىچە ئىش قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر