تۈركىيە پاراخوتى ئاقدېڭىزدا قانۇنسىز شەكىلدە ئاختۇرۇلدى

ئىرىنى ھەرىكىتىنىڭ بىر گېرمان پاراخوتى، تۈركىيەدىن لىۋىيەگە ئاشلىق ۋە سىر قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ ماڭغان پاراخوتنى شەرقىي ئاقدېڭىزدا توختىتىپ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا ئاختۇردى.

1532816
تۈركىيە پاراخوتى ئاقدېڭىزدا قانۇنسىز شەكىلدە ئاختۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيەلىك بىر قومانداننىڭ قوماندانلىقى ئاستىدىكى ئىرىنى ھەرىكىتىنىڭ بىر گېرمان پاراخوتى، تۈركىيەدىن لىۋىيەگە ئاشلىق ۋە سىر قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ ماڭغان پاراخوتنى شەرقىي ئاقدېڭىزدا توختىتىپ خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا ئاختۇردى.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە بايرىقى قادالغان «روسېلىنا-ئا» ناملىق پاراخوت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئېلىپ ئىستانبۇلدىن لىۋىيەگە قاراپ يولغا چىققان.

پاراخوت تۈنۈگۈن كېچە گىرېتسىيە دېڭىز ئارمىيەسىدىن بىر قومانداننىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرىنى ھەرىكىتىدە ۋەزىپە ئۆتەيدىغان بىر گېرمان پاراخوتى تەرىپىدىن مورا يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىدا خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ ھالدا توختىتىلغان.

دېڭىز قانۇنىغا ئاساسەن، خادىملارنىڭ پاراخوتلارنى ئاختۇرۇشى ئۈچۈن بايرىقى قادالغان دۆلەتنىڭ ماقۇللۇقى ئېلىنىشى كېرەك. تۈركىيەدىن بۇ خىل رۇخسەت ئېلىنماي تۇرۇپ، ھامبۇرگ پاراخوتىنىڭ خادىملىرى تىك ئۇچار ئايروپىلاندىن پاراخوتقا سەكرىگەن.

خادىملارنىڭ تىك ئۇچاردىن سەكرىشى ۋە ھامبۇرگ قوغدىغۇچى پاراخوتىنىڭ «روسېلىنا-ئا» پاراخوتىنىڭ ئەتراپىدىكى ھەرىكەتلىرى تۈرك پاراخوتى خادىملىرى تەرىپىدىن دەرھال تېلېفون ئارقىلىق سۈرەتكە ئېلىندى.

پاراخوتنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ ئىلگىرىلىشىگە توسقۇنلۇق ئەسكەرلەر، تۈركىيەنىڭ رۇخسىتىنى ئالماستىن ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئاختۇرۇشنىڭ قانۇنغا زىت ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي، بارلىق كونتېينىرلارنى ئېچىپ ئاختۇردى. تاكى تاڭ ئاتقۇچە داۋاملاشقان ئاختۇرۇشتىن كېيىن، ئەسكەرلەر پاراخوتتا ئىنسانىي ياردەم بۇيۇملىرى، ئاشلىق ۋە سىر قاتارلىقلاردىن باشقا نەرسە يوقلۇقىنى جەزملەشتۈرۈپ پاراخوتتىن ئايرىلدى.

پاراخوتنىڭ مىسراتە پورتىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى، تۈركىيەنىڭ خەلقئارا ئورگانلار بىلەن بۇ ھەقتە سۆزلىشىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ئىرىنى ھەرىكىتى»، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ لىۋىيەگە يۈرگۈزۈلگەن قورال ئېمبارگوسىنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئاقدېڭىزدا باشلانغان دەتالاشلىق بىر ھەربىي ھەرىكەتتۇر.

گەرچە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2292- نومۇرلۇق قارارىدا قانۇنلۇق ھۆكۈمەت دەپ كۆرسىتىلگەن لىۋىيە مىللىي بىرلىك ھۆكۈمىتى بىلەن كېڭىشىش ۋە ئۇنىڭ رۇخسىتىنى ئېلىش شەرت قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، ئىجازەتسىزلا باشلانغان ئىرىنى ھەرىكىتى، بىر تەرەپلىمە ۋە قانۇنسىز ھەرىكەت، دەپ قارىلىپ نارازىلىق پەيدا قىلماقتا.

ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر ياۋروپا ئىتتىپاقى مەبلىغىدىن نەپ ئېلىش ئۈچۈن بۇ ھەرىكەتكە ئېغىز ئاچمىغان بولسىمۇ ، يەنە بىر قىسىم جاسارەتلىك دۆلەتلەر نارازىلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەزكۇر ھەرىكەتتىن چېكىنىپ چىقتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر