دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 مىليون 300 مىڭدىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 مىليون 394 مىڭ 200 دىن، يۇقۇملانغانلار 59 مىليون 7 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلار سانى 40 مىليون 792 مىڭدىن ئاشتى.

1532572
دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 مىليون 300 مىڭدىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 262 مىڭ 701 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 12 مىليون 589 مىڭ 88 گە چىقتى.

ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى ۋاكسىنا ئۇرۇش ئىشلىرىنىڭ 2020-يىلى 13-دېكابىر سەھىيە خادىملىرىدىن باشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

يېقىنقى ھەپتىلەردە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشلىرى چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشى «تەشەككۈر ئېيتىش بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئايرودۇرۇملارغا سەل بولۇپ ئاقتى. ھەپتە ئاخىرى ئايرودۇرۇملاردا 2 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ بارلىقى قەيت قىلىندى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 215 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 48 مىڭ 732 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 13 مىڭ 157 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 2 مىليون 140 مىڭ 208 گە چىقتى.

ھىندىستاندا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 133 مىڭ 773 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 9 مىليون 140 مىڭ 312 گە چىقتى.

غەززەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 65 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 14 مىڭ 768 گە چىقتى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەززەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبىدىن سەھىيە سىستېمىسىنىڭ ۋەيران بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ياپونىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم ساننىڭ 2 مىڭدىن ئېشىشى ۋە كۈنلۈك يۇقۇم ۋەقەلىرىنىڭمۇ 2 مىڭدىن يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن دۆلەت ئىچى ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بېرىلگەن «ساياھەت قىل»، «سىرتتا تاماق يە» ياردەملىرى توختىتىلىدۇ.

ياپونىيە كابېنتىنىڭ ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلەرگە مەسئۇل ئەزاسى نىشىمۇرا ياسۇتوشى تەدبىرلەرنى «يۇقۇم ئەھۋاللىرى جىددىي ھالەت ۋەزىيىتىگە ئۆزگەرمەستىن» دەرھال يولغا قويۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 49 مىڭ 802 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 2 مىليون 82 مىڭ 702 گە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

بىرازىلىيە 169 مىڭ 197، مېكسىكا 101 مىڭ 676، ئەنگلىيە 55 مىڭ 24، ئىتالىيە 49 مىڭ 823، ئىسپانىيە 42 مىڭ 619، ئارگېنتىنا 37 مىڭ 2، پېرۇ 35 مىڭ 595، كولومبىيە 35 مىڭ 287، بېلگىيە 15 مىڭ 618، چىلى 15 مىڭ 69، گېرمانىيە 14 مىڭ 343، پولشا 13 مىڭ 618، ئېكۋادور 13 مىڭ 201، كانادا 11 مىڭ 455، ئۇكرائىنا 10 مىڭ 951، رۇمېنىيە 10 مىڭ 47، جەنۇبىي ئافرىقا 20 مىڭ 903، مىسىر 6 مىڭ 548 ۋە ماراكەش 5 مىڭ 316.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر