ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىستېپا بەردى
ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى زوھراب مناتساكانيان ئىستېپا بەردى.
1528650
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئاننا ناگداليان فېيسبۇك سەھىپىدە ئۇچۇر ئورتاقلىشىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمناتساكانياننىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى
زوھراب مناتساكانيان 2018- يىلى مايدا مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنىدى.
ئەرمېنىيە خەلقى كىشىلەر قاراباغدىكى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ھۆكۈمەتنىڭ ئىستېپا بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا ئىدى.