قاتار بىلەن ئىتالىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

قاتار بىلەن ئىتالىيە ئوتتۇرىسىدا دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى.

1526591
قاتار بىلەن ئىتالىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىتالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لورېنزو گرئېرىنى بىلەن قاتار دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خالىد بىن ھەمەد ئەل ئەتىييە دوھادا بىر يەرگە جەم بولغان.

ئۇچرىشىشتا، دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شىركەتلەردىن قاتارنىڭ بارزان گۇرۇھى  بىلەن ئىتالىيە لېئوناردو گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا، قاتار ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەشىق پروگراممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككى تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالانغان.

2018-يىلى 3-ئايدا، ئىككى شىركەت ئوتتۇرىسىدا،  28 دانە «NH90» تىپلىق ھەربىي تىك ئۇچارنى سېتىش كېلىشىمى تۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر