ئامېرىكا سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى...

ئامېرىكادا جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ بىلەن دېموكراتلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى جو بايدىن ئوتتۇرىسىدىكى پىرېزىدېنتلىق رىقابىتى ئاخىرلاشتى.

1521532
ئامېرىكا سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا 50 ئىشتات ۋە ئامېرىكاغا قاراشلىق ئالاھىدە مەمۇرىي رايون بولغان پورتو رىكو (Porto Riko) دا 250 مىليون سايلىغۇچى، تۆت يىل ۋەزىپە ئۆتەيدىغان 59-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتنى سايلاش ئۈچۈن  بېلەت تاشلىدى.

سايلامدا، كونگرەنىڭ ئىككى قانىتىنى تەشكىللەيدىغان 435 كىشىلىك ئاۋام پالاتاسىنىڭ ھەممىسىنى ۋە 100 كىشىلىك كېڭەش پالاتاسىدىكى 35 ئورۇننى بەلگىلەش ئۈچۈن بېلەت تاشلاندى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى (Associated Press) نىڭ رەسمىي بولمىغان نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ كېنتاكي (سەككىز ۋەكىل)، غەربىي ۋىرجىنىيە (بەش ۋەكىل) مىسسىسىپى (ئالتە ۋەكىل) ئالاباما (توققۇز ۋەكىل)، جەنۇبىي كارولىنا (توققۇز ۋەكىل) ئوكلاخوما (يەتتە ۋەكىل) تېنېسسى (11 ۋەكىل)، ئىندىيانا (11 ۋەكىل)، جەنۇبىي داكوتا (ئۈچ ۋەكىل)، شىمالىي داكوتا (ئۈچ ۋەكىل) ۋيومىڭ (ئۈچ ۋەكىل) نېبراسكا (بەش ۋەكىل) لۇيىسانا (سەككىز ۋەكىل)، ئاركانساس (ئالتە ۋەكىل) كانزاس (ئالتە ۋەكىل)، مىسسۇرى (10 ۋەكىل)، يۇتاھ (ئالتە ۋەكىل) ئوخايو (18 ۋەكىل)، مونتانا (ئۈچ ۋەكىل)، فلورىدا (29 ۋەكىل)، ئايوۋا (ئالتە ۋەكىل) ئايداخو (تۆت ۋەكىل) ۋە تېكساس (38 ۋەكىل) ئىشتاتلىرىدا غەلىبە قىلدى.

دېموكراتلارنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى جو بايدىن بولسا، ۋېرمونت (ئۈچ ۋەكىل)، ۋىرجىنىيە (13 ۋەكىل)، ماسساچۇستىس (11 ۋەكىل)، دېلاۋارا (ئۈچ ۋەكىل)، ئىللىنويس (20 ۋەكىل)، نىيۇ جېرسېي (14 ۋەكىل)، مارىلەند (10 ۋەكىل)، نىيۇ يورك (29 ۋەكىل)، كوننېكتىكات (يەتتە ۋەكىل)، كولورادو (توققۇز ۋەكىل)، ۋاشىنگتون د س (ئۈچ ۋەكىل)، ۋاشىنگتون (12 ۋەكىل)، نىيۇ خامپشىر (تۆت ۋەكىل)، رود ئارىلى (تۆت ۋەكىل)، يېڭى مېكسىكا (بەش ۋەكىل)، ئورىگېن (يەتتە ۋەكىل)، كالىفورنىيە (55 ۋەكىل)، مىننېسوتا (10 ۋەكىل) ۋە ھاۋاي (تۆت ۋەكىل) قاتارلىق ئىشتاتلاردا غەلىبە قىلدى.

كېڭەش پالاتاسى ۋە ئاۋام پالاتاسىغا تاشلانغان بېلەت نەتىجىلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدىكى خەۋەرلەرگە ئاساسەن، ھازىرغىچە كېڭەش پالاتاسىدا دېموكراتلار 45 ئورۇنغا، جۇمھۇرىيەتچىلەر 44 ئورۇننى قولغا كەلتۈرگەن. ئاۋام پالاتاسىدا بولسا، جۇمھۇرىيەتچىلەر 145 ئورۇننى، دېموكراتلار 119 ئورۇنغا ئىگە بولغان.

رەسمىي بولمىغان نەتىجىلەرگە ئاساسلانغاندا، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ نامزاتى پىرېزىدېنت ترامپ 212 ئاۋازغا، دېموكراتلارنىڭ نامزاتى جو بايدىن 223 ئاۋازغا ئېرىشكەن. تاشلانغان  100 مىليون 300 مېڭغا يېقىن بېلەت، ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  سەۋەبىدىن كۆپلىگەن ئىشتاتتا بالدۇر تاشلانغان.

بۇ جەرياندا، سايلامدىن كېيىن، باشلىنىش ئېھتىمالى بولغان كوچا ۋەقەلىرى سەۋەبىدىن پايتەخت ۋاشىنگتون ۋە ئاقساراينىڭ ئەتراپىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىندى.

ئاقساراي ئەتراپىدىكى نۇرغۇنلىغان كوچا ۋە يوللار، ئاقساراينىڭ ئۇدۇلىدىكى لافىيە باغچىسى (Lafayette Park) ۋە ئارقىسىدىكى ئېللىپس باغچىسى (Ellipse Park) كىرىش ئېغىزلىرى تاقالدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر