خىتاي تەيۋەنگە قورال ساتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئىمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

خىتاي تەيۋەننى قورال بىلەن تەمىنلەيدىغان ئامېرىكا شىركەتلىرى ۋە شەخسلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1516040
خىتاي تەيۋەنگە قورال ساتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئىمبارگو يۈرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ لىجيەن ئاخباراتچىلارغا بەرگەن باياناتىدا: «خىتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، مەركىزى ھۆكۈمەت ‹Lockheed Martin›، ‹Boeing Defense› ۋە ‹Raytheon› قاتارلىق ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىشىغا قاتناشقان ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان تەدبىرلەرنى ئىشلىتىش قارارى ئالدى» دېدى.

جاۋ قورال-ياراغ سېتىشتا «ناچار ئارخىپى» بولغان ئامېرىكا شىركىتى ۋە شەخسلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 21 - ئۆكتەبىردە تەيۋەنگە 1 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، «HIMARS» راكېتا سىستېمىسى ۋە رادار سىستېمىسىنىڭ سېتىلىشىنى تەستىقلىغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىك ھەمكارلىق ئورگىنى شۇ كۈنى سېتىشلارغا ئالاقىدار ئۈچ ئايرىم بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ ئامېرىكا پالاتاسىغا يوللانغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جاۋ 22 - ئۆكتەبىر (2020) ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكانى پىلانلانغان قورال سېتىشتىن ۋاز كېچىشكە ۋە تەيۋەن بىلەن بولغان ھەربىي ئالاقىنى توختىتىشقا چاقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ ئىلگىرىلەشلەرگە قاراپ كېرەكلىك ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر