باش ۋەزىر يوشىھىدە ياپونىيە-ئامېرىكا خەۋپسىزلىك ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

ياپونىيە باش ۋەزىرى سۇگا يوشىھىدە ياپونىيە-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى خەۋپسىزلىك ئىتتىپاقىنى ۋە بۇ ئىتتىپاقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى «توكيو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۇل تېشى» دەپ كۆرسەتتى.

1516294
باش ۋەزىر يوشىھىدە ياپونىيە-ئامېرىكا خەۋپسىزلىك ئىتتىپاقىنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سابىق باش ۋەزىر شىنزۇ ئابى ئۆتكەن ئاي (2020-يىلى سېنتەبىر) ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان سۇگا يوشىھىدە، پارلامېنتتا تۇنجى قېتىم نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇ ئىقتىسادتىن تاشقى سىياسەتكىچە، ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19)  دىن توكيو ئولىمپىكىغىچە بولغان نۇرغۇن تېمىلار ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ياپونىيە-ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى خەۋپسىزلىك ئىتتىپاقىنى ۋە بۇ ئىتتىپاقنى داۋاملىق كۈچەيتىشنى «توكيو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئۇل تېشى» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئوكىناۋا ئىشتاتىدىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنىڭ ئىشتاتقا بولغان يۈكىنى يەڭگىللىتىشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:                                                       

«ئەركىن ۋە راۋان ھىندى-تىنچ ئوكيان» نىشانىنى رىئاللىققا ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمىز. رايوندىكى قوشنىلىرىمىز خىتاي ۋە جەنۇبىي كورېيە بىلەن مۇقىم مۇناسىۋەت تەسىس قىلىمىز. شىمالدىكى قوشنىمىز رۇسىيە بىلەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئىمزالانغان تىنچلىق كېلىشىمى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن.»

 ئۇ: «يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئەمدى ئىقتسادىي ئېشىشقا بېسىم ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئالدىنقى ھۆكۈمەتلەرنىڭ 2050-يىلىغىچە كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىشنى %80 ئازايتىش پىلانىنى ئىجرا قىلىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر