پۇل- مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى: تۈرك ئۇچقۇسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى كۈچلۈك رەقىب سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى

«پۇل- مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»، تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى تېخنىكىسىدا ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە خىتاينىڭ كۈچلۈك رەقىبى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى يازدى.

1505289
پۇل- مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى: تۈرك ئۇچقۇسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى كۈچلۈك رەقىب سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «پۇل- مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى»نىڭ تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلارغا ئالاقىدار خەۋىرىدە، تاغلىق قاراباغدا ئەرمېنىيەگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ نۇرغۇن ئەرمەن ئىستىھكاملىرى، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى، زەمبىرەكچى قىسىملىرى ۋە تانكىلىرىغا ھاۋادىن زەربە بەرگەن تۈركىيە ئىشلەپچىقارغان قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلارنىڭ پەۋقۇلئاددە مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارغا ئورۇن بېرىلدى.

تاغلىق قاراباغنىڭ يېقىنقى يىللاردا سۈرىيە، لىۋىيە، شىمالىي ئىراق ۋە شەرقىي ئاقدېڭىزدىن كېيىن تۈركىيە قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان 5 – توقۇنۇش رايونى ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان خەۋەردە، «كۈنسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان تۈرك ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى سانائىتى، تۈركىيەنىڭ قورال سېتىۋېلىش جەھەتتە غەربكە بېقىنىپ قېلىشنى ئازايتىش ۋە مىللىي غۇرۇرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇداپىئە ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرۇش يولىدىكى 20 يىللىق تىرىشچانلىقنىڭ مەھسۇلىدۇر» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى پىروگراممىسنىڭ تۈركىيەنى كۈنسېرى يۈكسىلىۋاتقان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كۈچىگە ئايلاندۇرغانلىقى قەيت قىلىنغان خەۋەردە، نيۇيورك بارد ئىنىستىتۇتى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق دىرېكتورى دان گېتتىڭگېرنىڭ، تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىدا ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە خىتاينىڭ كۈچلۈك رەقىبى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ۋە تۈركىيەنىڭ قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى پىروگراممىسىنىڭ ناھايىتى مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

خەۋەردە، تۈركىيەنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش تىرىشچانلىقىنىڭ، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قارشى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان كۈرەش بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋىتىنىڭ بارلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈلدى.

قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ 2017- يىلدىن باشلاپ PKK غا قارشى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن خەۋەردە، خەلقئارا كىرىزىس گۇرۇپپىسى تۈركىيە دېرىكتورى نىگار گۆكسەلنىڭ «قوراللىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلار، (تۈركىيەنىڭ) پ ك ك  PKK نى 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان تاغلىق رايوندىن چىقىرىشىنى كاپالەتلەندۈردى» دېگەن سۆزلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر