مالىدا 1 سىياسىي رەھبەرنىڭ قويۇۋىتىلىشى بەدىلىگە 180 جىنايەتچى قويۇپ بېرىلدى

مالىدا ھەپتە ئاخىرىدا 180 مەھبۇس ۋە جىنايەتچى قويۇپ بېرىلدى.

1502844
مالىدا 1 سىياسىي رەھبەرنىڭ قويۇۋىتىلىشى بەدىلىگە 180 جىنايەتچى قويۇپ بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالىلىق بىر مەسئۇللنىڭ بايان قىلىشىچە، شەنبە كۈنى 70،  يەكشەنبە كۈنى 110 مەھبۇس ۋە جىنايەتچى پايتەخت باماكودىكى بىر تۈرمىدىن شىمالىغا يۆتكەلگەن.

ئاشقۇن تېرورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا دەپ قارالغان بۇ 180 كىشى مارتتا تۇتقۇن قىلىنغان ئۆكتىچى رەھبەر سۇمايلا سىسسېنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بەدىلىگە قويۇۋىتىلگەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

مالىدا 29-مارت ئۆتكۈزۈلگەن چوڭ سايلامدىن ئىلگىرى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان ئاساسلىق ئۆكتىچى پارتىيە URD نىڭ رەھبىرى سۇمايلا سىسې ۋە ئۇنىڭ 11 كىشىلىك گۇرۇپپىسى، سارافېرې شەھىرىدىن كومايراغا قاراپ كېتىۋاتقاندا قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ۋە سۇمايلا سىسنىڭ قوغدىغۇچىسى ھۇجۇمدا قازا قىلىپ، گۇرۇپپىدىكى 2 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

سۇمايلا سىسې شۇنىڭدىن بېرى گۆرۈگە تۇتۇپ قىلىنغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر