رۇسىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى موسكۋا – ئىستانبۇل ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈردى
رۇسىيەنىڭ نوردۋىند ھاۋا يوللىرى شىركىتى موسكۋا – ئىستانبۇل ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.
1501733
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، رۇسىيەنىڭ نوردۋىند ھاۋا يوللىرى شىركىتى، «Boeing 737- 800» تىپلىق ئايروپىلانلار بىلەن، موسكۋادىن ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمىغا ھەپتىنىڭ ھەر كۈنى ئايروپىلان سەپەرلىرىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن.
باياناتتا، «ھەممىمىز بىرلىكتە ئۇزۇن يىللار تىنچ – ئامان ئۇچۇشلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تىلەكداشمىز» دېيىلدى.