دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 مىليوندىن ئاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 1 مىليون 2 مىڭ 420 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 33 مىليون 307 مىڭ 580 دىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 24 مىليون 638 مىڭ 490 دىن ئاشتى.

1498466
دۇنيادا ۋابا سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 1 مىليوندىن ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋابانىڭ مەركىزىگە ئايلانغان ئامېرىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 209  مىڭ 453 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 7 مىليون 321 مىڭ 343 كە چىقتى.

لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىدە يېقىنقى 24 سائەتتە 335 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 141 مىڭ 776 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 14 مىڭ 318 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 4 مىليون 732 مىڭ 309 غا چىقتى.

مېكسىكادا ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 76 مىڭ 430 غا، يۇقۇملانغانلار سانى 73 مىڭ 317 گە چىقتى.

ئاۋستىرالىيدە يېقىنقى 24 سائەتتە ئۈچ كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 875 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، يۇقۇملانغانلار سانى بەش كىشى ئېشىپ 27 مىڭ 44 كە چىقتى.

ۋابانىڭ ياۋروپادىكى مەركىزىگە ئايلانغان ئەنگلىيەدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 41 مىڭ 988 گە، يۇقۇملانغانلار سانى 434 مىڭ 969 غا چىقتى.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە 39 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 95 مىڭ 574 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 82 مىڭ 767 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 6 مىليون 73 مىڭ 348 گە چىقتى.

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە يېقىنقى 24 سائەتتە 22 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى ۋە جەمئىي سان 16 مىڭ 398 گە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 1 مىڭ 268 كىشى يۇقۇملاندى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 670 مىڭ 766 گە چىقتى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ۋۇخەن ۋىرۇسىغا مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم سانلىرى تۆۋەندىكىچە:

ئىتالىيە 35 مىڭ 835، پېرۇ 32 مىڭ 262، فىرانسىيە 31 مىڭ 727، ئىسپانىيە 31 مىڭ 232، كولومبىيە 25 مىڭ 488، ئارگېنتىنا 15 مىڭ 749، چىلى 12 مىڭ 641، ئېكۋادور 11 مىڭ 279.


خەتكۈچ: #ۋابا , #ۋىرۇس

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر