تېررورلۇق تەشكىلاتى تەرەپدارلىرى گىرېتسىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشتى
گىرېتسىيەدە تۈركىيەنىڭ ئاتېنادىكى ئەلچىخانىسىغا كىرمەكچى بولغان DHKP - C تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرى ساقچىلار بىلەن توقۇنۇشتى.
1497665
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە پايتەختى ئاتىنانىڭ پارلامېنت بىناسى جايلاشقان سىنتاگما مەيدانىدىكى نامەلۇم ئەسكەرلەر ئابىدىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلغان 30 كىشىلىك گۇرۇپپا، لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا تۈركىيەدە ئاچلىق ئېلان قىلغان ئادۋوكاتلارنى قوللاپ نامايىش تەشكىللىمەكچى بولدى.
DHKP - C تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قوللاپ شوئارلارنى توۋلاشقان نامايىشچىلار، تۈركىيەنىڭ ئاتىنادىكى ئەلچىخانسىىغا قاراپ يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا، گىرېتسىيە ساقچىلىرىنىڭ مۇداخىلىسىگە ئۇچرىدى.