ناتو: تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە قىممەتلىك ئىتتىپاقداشلاردىندۇر

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپى ستولتېنبېرگ تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيەنىڭ قىممەتلىك ئىتتىپاقداشلاردىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1496649
ناتو: تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە قىممەتلىك ئىتتىپاقداشلاردىندۇر

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ستولتېنبېرگ، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى، كۈتۈلمىگەن ۋەقەلەر ۋە قازانلارنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ياراشتۇرۇش خىزمىتىنى چۆرىدىگەن ھالدا داۋاملىشىۋاتقان تىرىشچانلىقلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا نىسبەتەن تۈركىيەمۇ، گىرېتسىيەمۇ قىممەتلىك ئىتتىپاقداشلاردىندۇر. دەرۋەقە، ناتو دىيالوگ ئورنىتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بىر مۇنبەر شەكىللەندۈرمەكتە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر