گىرېتسىيە تۈركىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى يېقىندا باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
گىرېتسىيە، تۈركىيە بىلەن مەسىلىلەرگە چارە ئىزدەش سۆھبەتلىرىنى «يېقىندا» باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1495751
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گىرېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، «گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيە، چارە ئىزدەش سۆھبەتلىرىنىڭ 61 – ئايلانمىسىنىڭ يېقىندا ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2002 – يىلى باشلانغان ئىزدىنىش سۆھبەتلىرىنىڭ ئاخىرقىسى بولغان 60 - ئايلانمىسى 2016 - يىلى 1 - مارتتا ئاتىنادا ئۆتكۈزۈلگەنىدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتلەر سىياسىي كېڭىشىش شەكلىدە داۋاملاشقان بولسىمۇ، ئىزدىنىش رامكىسىغا قايتمىغانىدى.