رۇسىيە 80 مىڭ ئەسكەر بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە

رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي كاۋكاز رايونلىرىدا 80 مىڭ ئەسكەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشىدا «كاۋكاز – 2020» ھەربىي مانېۋىرى باشلاندى.

1494667
رۇسىيە 80 مىڭ ئەسكەر بىلەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، «كاۋكاز – 2020 » ھەربىي مانېۋىرىغا، 80 مىڭ ئەتراپىدا رۇس ئەسكىرىدىن سىرت يەنە، بېلارۇسىيە، خىتاي، ئىران، پاكىستان، ئەرمېنىيە ۋە بىرمىدىن تەخمىنەن مىڭ ئەسكەر قاتناشماقتا ئىكەن.

رۇسىيەنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي كاۋكاز رايونلىرىغا جايلاشقان كاپۇستىن يار، ئاسۇلۇق، ئاناداق ۋە پرودبوي مەشىق ساھەلىرىدە، ھەمدە قارادېڭىز ۋە ھازار دېڭىزى سۇلىرىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ھەربىي مانېۋىردىن، تەخمىنەن 60 ئۇرۇش ئايروپىلانى، 30 ئۇرۇش پاراخوتى، 250 تانكا، 450 بىرونېۋىك، 200 توپ ۋە راكېتامىيوت قويۇپ بېرىش سىستېمىلىرى ئورۇن ئالماقتا ئىكەن.

رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆلچەش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ھەربىي مانېۋىر،  26- سېنتەبىرگىچە داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر