دۇنيادا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 1 مىليونغا يېقىنلاشتى

دۇنيادا ۋۇخەن ۋىرۇسى(Kovid-19) سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 965 مىڭ 190 دىن، يۇقۇملانغانلار سانى 31 مىليون 253 مىڭدىن ۋە سالامەتلىكى ياخشىلانغانلارنىڭ سانى 22 مىليون 838 مىڭدىن ئاشتى.

1494337
دۇنيادا جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 1 مىليونغا يېقىنلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لاتىن ئامېرىكا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان بىرازىليەدە، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 136 مىڭ 895 كە، يۇقۇملانغانلار سانى بىر كۈندە 16 مىڭ 389 ئېشىپ 4 مىليون 544 مىڭ 629 غا چىقتى.

مېكسىكادا يېقىنقى بىر كۈندە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار 235 كىشى ئېشىپ 73 مىڭ 493 كە، يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىڭ 542 كىشى ئېشىپ 697 مىڭ 663 كە چىقتى.

فىرانسىيەدە يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 12 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جەمئىي جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 31 مىڭ 585 كە چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 10 مىڭ 569 كىشى يۇقۇملىنىپ، جەمئىي سان 453 مىڭ 763 كە چىقتى.

ئاسىيا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىغان ھىندىستاندا، يېقىنقى 24 سائەتتە 1 مىڭ 157 كىشى ۋىرۇس سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلارنىڭ جەمئىي سانى 87 مىڭ 909 غا چىقتى. ئوخشاش ۋاقىتتا، 86 مىڭ 961 كىشى يۇقۇملاندى ۋە جەمئىي سان 5 مىليون 487 مىڭ 580 گە چىقتى.

ھىندىستاندا ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ كېلىدىغان جايلاردىن بىرى بولغان ۋە ۋىرۇس سەۋەبىدىن تاقالغان تاج ماخال سارىيى، ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئېچىلدى. يۇقۇم مەزگىلىدىن بۇرۇن كۈنلۈك زىيارەتچى سانى 70 مىڭ بولغان ساراي، بۇ مەزگىلدە كۈنلۈكى 5 مىڭ زىيارەتچى قوبۇل قىلىدۇ.

ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 19 مىڭ 489 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان رۇسىيەدە، بىر كۈندە 6 مىڭ 196 كىشىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى بايقالدى. بۇنىڭ بىلەن، ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ جەمئىي سانى 1 مىليون 109 مىڭ 595 كە چىقتى.

ئىراقتا يېقىنقى 24 سائەتتە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 64 كىشى ئېشىپ 8 مىڭ 555 كە چىقتى. يۇقۇملانغانلار سانى 3 مىڭ 438 كىشى ئېشىپ 319 مىڭ 35 كە چىقتى.

يېقىنقى 24 سائەتتە 297 كىشى جېنىدىن ئايرىلغان لىۋاندا، كۈنلۈك يۇقۇم سانى تۇنجى قېتىم 1 مىڭ ئۈستىگە چىقتى. بىر كۈندە 1 مىڭ 6 كىشى ۋۇخەن ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بۇ دۆلەتتە، جەمئىي يۇقۇم سانى 29 مىڭ 303 كە چىقتى.

ئافرىقا قىتئەسىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن جېنىدىن ئايرىلغانلار سانى 34 مىڭ 8 گە، جەمئىي يۇقۇملانغانلار سانى 1 مىليون 413 مىڭ 416 گە چىقتى.

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىدە ۋۇخەن ۋىرۇسى سەۋەبىدىن 15  مىڭ 953 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 661 مىڭ 211 كىشى يۇقۇملاندى. مىسىردا 5 مىڭ 770 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 102 مىڭ 15 كىشى يۇقۇملاندى ۋە ئالجىرىيەدە 1 مىڭ 830 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى، 101 مىڭ 743 كىشى يۇقۇملاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر